جۇڭگو تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى: مايدا ئىمپورت-ئېكىسپورت ئومۇمىي قىممىتى 3 تىرىليون 450 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.6 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت 1 تىرىليون 980 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.3 ئاشقان؛ ئىمپورت 1 تىرىليون 470 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.8 ئاشقان؛ سودا ئاكتىپلىقى 502 مىليارد 890 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %79.1 ئاشقان. يانۋاردىن مايغىچە، ئىمپورت-ئېكىسپورت ئومۇمىي قىممىتى 16 تىرىليون 40 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.3 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت 8 تىرىليون 940 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.4 ئاشقان؛ ئىمپورت 7 تىرىليون 100 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.7 ئاشقان؛ سودا ئاكتىپلىقى 1 تىرىليون 840 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %47.6 ئاشقان. يانۋاردىن مايغىچە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە كورىيە جۇڭگونىڭ ئالدىنقى تۆت سودا ھەمراھى بولۇپ، ئىمپورت ۋە ئېكسپورت سوممىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2 تىرىليون 370 مىليارد يۈەن، 2 تىرىليون 200 مىليارد يۈەن، 2 تىرىليون يۈەن ۋە 970 مىليارد 710 مىليون يۈەن بولغان؛ ئېشىش نىسبىتى %8.1، %7، %10.1 ۋە %8.2 بولغان.

ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2022-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى